ماقالىلەر ئامبىرى ئېچىۋېتىلدى!

ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرنال، ماقالە ۋە قوليازمىلار ئامبىرى ئېچىۋېتىلدى

ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى رەسمىي پۈتۈپ، ئۇيغۇر كىتاب تورى ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلار ئامبىرى تورىدا ئېچىۋېتىلدى.

ئۇيغۇر كىتاب تورى
ئۇيغۇر كىتاب تورى 2017 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 7 مىڭ پارچە ماتېرىيال بىلەن تولۇق ئېچىۋېتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1500 پارچە قوليازما ۋە قەدىمىي ئەسەر، 1500 پارچىدىن ئارتۇق گېزىت - ژۇرنال، 4000 پارچىغا يېقىن ئۇيغۇرچە كىتاب مەۋجۇت.
تور ئادرېسى: www.uyghurkitap.com

ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى

بۇ ماقالە ئامبىرى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرچە ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى» چوڭ تۈرىنىڭ تارماق تۈرى بولۇپ، ئامبارغا ھازىرغىچە 15 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە ماقالە كىرگۈزۈلدى. ماقالىلەر ئاساسەن ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا نەشر قىلىنغان 100 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال، بىر قىسىم ماقالە توپلاملىرى، مەجمۇئەلەر ۋە تور بەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئېلىندى.
بۇ تۈر 2012 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بىر قانچە يىل ئۈزلۈكسىز ماتېرىيال توپلاندى. 2017 - يىلىدىن 2020 - يىلى 10 - ئايغىچە دەسلەپكى قەدەمدە كاتالوگ تاماملىنىپ ماقالىلەر كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تور بەت يۈزىدە ئۈچ خىل يېزىقتا ئېچىۋېتىلدى. بۇندىن كېيىن ماقالىلەر داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.
تور ئادرېسى: www.maqale.uyghurkitap.com


ئىشلىگۈچى: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى