ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى يېڭىلاندى ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى يېڭىلاندى
شەنبە — 9 ماي 2026  |  ھ 22 زۇلقەئدە 1447
ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى يېڭىلاندى ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى يېڭىلاندى

ھەققىمىزدە

ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى

maqale.uyghurkitap.com ئۇيغۇرچە ئىلمىي ۋە مەدەنىي ماقالىلەرنى توپلاپ ئوقۇرمەن بىلەن تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان بىر رەقەملىك ئامبار تور بىتى بولۇپ، ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ باشقۇرۇلماقتا.

بۇ تور بىتىگە ھازىرغىچە 20 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن. ماقالىلەر ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنغان 100 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال، ماقالە توپلاملىرى ۋە مەجمۇئەلەر، ھەمدە تۈرلۈك تور بەتلەردىن توپلانغان.

ئامباردىكى ماقالىلەر بەش تۈرگە ئايرىلغان:

ژۇرنال ماقالىلىرى،

ماقالە توپلاملىرى ۋە مەجمۇئەلەر،

تور بەت ماقالىلىرى،

تەرمە ماقالىلەر،

ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى.

ئىشلەتكۈچىلەر ماقالىلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى، مەنبە، ئاپتور ۋە يىل بويىچە سۈزگەن ھالدا ئىزدىيەلەيدۇ، ئەزا بولۇپ كىرىپ ئوقۇيالايدۇ ۋە چۈشۈرەلەيدۇ.

gmail ھېسابىڭىز ئارقىلىق قولاي ئەزا بولۇش ئىقتىدارى سەپلەندى.

بۇ تۈر 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، بىر قانچە يىل ئۈزلۈكسىز ماتېرىيال توپلانغان. 2017-يىلىدىن 2020-يىلى ئۆكتەبىر ئايىغىچە دەسلەپكى كاتالوگ تاماملىنىپ، ماقالىلەر ئۈچ خىل يېزىقتا ئومۇمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئوچۇق قىلىنغان. ھازىرمۇ ماقالىلەر داۋاملىق تولۇقلىنىپ بارماقتا.

تور بىتى پەقەت ئۇيغۇرچىلا ئەمەس، بەلكى 11 خىل تىلدا — ئۇيغۇرچە (ئەرەب خەتتە)، لاتىن ئۇيغۇرچە، كىرىل ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، خىتايچە، قازاقچە، رۇسچە، ئىسپانچە، فىرانسۇزچە ۋە ئۆزبەكچىدە ئىشلىتىشكە قولايلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلىم-پەن، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدىكى ماقالىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، ساقلاش ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىر رەقەملىك مىراس ئامبىرىدۇر.

قولىڭىزدا باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە توربېتىمىزگە قوشۇلمىغان ماقالە بولسا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىز چىقىرىپ قويالايسىز. بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز بىز قوشۇپ قويىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى

خىزمەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللىشىڭىزغا تىلەكداشمىز:

دوللار ھېسابى(USD):

FARABİ EĞİTİM KÜLTÜR VE ARAŞTIRMA DERNEĞİIBAN:

TR110020500001005257700104

ياۋرو(EURO):

FARABİ EĞİTİM KÜLTÜR VE ARAŞTIRMA DERNEĞİIBAN:

TR380020500001005257700103

لىرا (TL):

FARABİ EĞİTİM KÜLTÜR VE ARAŞTIRMA DERNEĞİIBAN:

TR76 0020 5000 0100 5257 7000

ئالاقە: 00905530707350

ewlatnet@gmail.com

www.farabi.org.tr

www.ewlat.net